维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » شىركەت ئوبرازى
شىركەت ئوبرازى

<يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى> تىمىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋاپىقىياتلىك ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ خەلىقئارا تېبابەت ساھاسىدە تۇتقان ئورنىنىڭ موھىملىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قەدىمكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى ئىلمى ۋە ئىقتىسادى قىممىتىنى خەلىق ئاممىسىغا تونوشتوروش يۈزسىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ساداقەت بىئوپەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى> تىمىسىدىكى خەلىقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى مۇھاجىرلار مىھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋەت يىغىن زالىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى.

يىغىن<قەرشى دورىگەرلىك گوروھى> ۋەكىللىرى، سەھىيە نازارەتلىرى،ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورونلىرى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىخانلىرى، ھەرقايسى ساھەدىكى دوكتور ئەدىبلەر بولوپ 300 گە يىقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن باشلىنىپ شىركەت لىدىرى ئەلى ئىسمايىل ئەپەندى قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ يىغىنغا قاتناشقان مىھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ساداقەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋارىسلىق قىلىپ تارىخى رىتىسىپلارنى ھازىرقى زامان بىئو پەن تىخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھبە قوشوش ۋە ساداقەت شىركىتىنىڭ تېرىش،تەتقىق قىلىش ،ئىشلەپچىقىىرىش ،خەلىقئارالىشىش بىر گەۋدىلەشكەن كارخانا ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى ئىلمى قىممىتى ۋە ئىقتىسادى قىممىتىنىڭ رايۇنىمىزغا ئىلىپ كېلدىغان تەرەققىيات تەسىرى توغرىسىدا سۆزقىلدى.

تەكلپلىك مېھمانلاردىن جۇڭگۇ مىللى تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمى جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلوق مىللى تىبابەت دورىگەرلىك جەمئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئارىپ مەتنىياز <ۋەتەن تېبابەت خەزىنىسىدە چاقناپ تۇرغان گۆھەر –قەدىمى يىپەك يپلدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكى> توغرىسىدا ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسىنتى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئابلىمىت كىرەم<ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى قۇرۇلىشىغا كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ تەسىرى> توغرىسىدا ئىلمى دوكىلات بەردى.

ساداقەت قىرغىزىستان-قازاقىستان ۋەكىللىرى ، پاكىستان <قەرشى دورىگەرلىك گوروھى> ۋەكىللىرى، قىرغىزىستاننىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسول ۋەكىلى سۇلايمان ئەپەندى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزقىلدى.

ئاخىرىدا ئۈرۈمچى تەتقىقات رايۇنىدا شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تېبابەتدورىگەرلىك تەتقىقات چەكلىك شىركىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇپ .ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ،قەشقەرتەرەققىيات رايۇنىدىكى< شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تىبابەت ئۇيغۇر تربابەت چەكلىك شىركىتى>نىڭ ئەنگە ئېلىنىپ <ساداقەت دورا زاۋۇتى>نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى،<قىرغىزىستان-قازاقىستان خەلىقئارالىق بىئو پەن- تىخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى> نىڭ رەسمى ئىش باشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا ساداقەت شىركىتىنىڭ پاكىستاندىكى 60 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان <قەرشى دورىگەرلىك گوروھى> بىلەن بولغان تېخنىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن لېنتا كېسىش، يوپوق ئېچىش مۇراسىنى ئۆتكۈزىلدى.

.:: شىركەت ھەققىدە ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435271