维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئۆسۈملۈك خام دورىلار » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
بادام
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-03 13:34:40 چىكىلىشى : 1043

بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسدىكى ياغاچ غوللۇق ياغلىق دەرەخ ، شۇنداقلا قاتتىق شاكاللىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى . ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بادامىنىڭ ئۈچ خىل تۈرى ، بەش ئۆزگەرگەن خىلى ، 45 خىلىدىن ئارتۇق سورتى تىكىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ . بادام 6 _8 مېتىر ئۆسىدۇ . 4 _ئايدا چېچەكلەپ ، 8 _ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مېۋىسى پىشىدۇ . 10 _ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يوپۇرماق تاشلايدۇ . بادامىنىڭ ياغ مىقىدارى بىر قەدەر مول بولۇپ ، 55 _60 %كە يېتىدۇ . بادام يېغى سۈپتى ئۆزگەرمەيدىغان ، خۇش پۇراقلىق ، ھەزىم قىلىنىشى ياخشى ياغ ھېسابلىنىدۇ . بادام يېغى تۇرمۇشتا ئستېمال قىلىنىغاندىن باشقا يېنىك سانائەتتە ھەر خىل نازۇك ئەسۋابلارنى مايلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ، دورىگەرلىك سانائىتىدە مۇھىم خام ئەشيا سۈپتىدە قوللىنىلىدۇ . بادام مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايتى مول بولۇپ ، ئوخشاش  مىقدارىدىكى كالا گۆشى بىلەن سېلىشىتۇرغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تەركبىدە ئىنسانلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل ، قەنت ، مېنىرال تۇز بىرىكىملىرى ، ھەر خىل ۋىتامىنىلار ، تاننىن قاتارلىق ماددىلار بار ، شۇنداقلا كالتىسىي ، ماگىنىي ، ناترىي ، تۆمۈر ، بارىي ، تىتان ، مىس ، مانگان ، خروم ئاليۇمىن ، سىترونتسىي قاتارلىق ئېلىمىېنتىلارمۇ ئاز مىقىدارىدا ساقىلىنىدۇ . بادام مېغىزىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ھەر خىل دورىلارغا قوشۇپ ، خىلمۇخىل كېسەللىكىلەر ، يەنى نېرۋا ئاجىزلىقى ، نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى ، يۇقىرى قان بېسمى كېسەللىكى ، ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، قەنت كېسەللىكى ، ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ، قەنت كېسلى ، ئۇيقۇسىزلىق ، بوۋاقلاردا بولىدىغان پالەچ كېسەللىكى ، تېرە كېسەللىكى قاتارلىقىلارنى داۋالايدۇ  ھەم ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىىلىدۇ . مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا چەت ئەل تېببىي ئالىمىلىرى ئاچچىق بادام مېغىزدىن پايدىلىنىپ ئاشقازان ۋە ئۈچەي راكىنى داۋالىغان .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە.......تۇرمۇش مەسلىھەتچسى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435829