维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلۇنۇش(1)
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 16:39:43 چىكىلىشى : 885
مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلۇنۇش                   
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كىشىلەرنىڭ مىزاجى قان (ھۆل ئىسسىق) ، بەلغەم (ھۆل سوغۇق) ، سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) ، سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھەر قايسى مىزاجدىكى كىشىلەر يېمەك –ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا ئۆز مىزاجىغا قاراپ، يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلمىغاندا، بەدەندە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ساقلىقنى ساقلاش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوخشىمىغان مىزاجدىكى كىشىلەر ئۆز مىزاجىغا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەبىئىيىتىگە ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
1. قان (ھۆل ئىسسىق) مىزاج كىشىلەر:
بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن شورپا، پولۇ، پىتىر مانتا، قوي سۈتى، تۆگە سۈتى، ھەسەل، تاتلىق ياڭيۇ ۋە قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا بەدەندە ھۆل ئىسسىق كەيپىيات ئارتىپ كېتىپ ،ھۆل ئىسسىقتىن مىزاجى بۇزۇلۇپ، ئاقىۋەتتە باش ئاغرىش، ئېغىز قۇرۇش، سۈيدۈكى ئازىيىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، قان- تومۇر قېتىشىش، قان قويۇلۇش ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال خىزمەت بېجىرىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلايدىغان، بەدەنگە سوغۇقلۇق يەتكۈزىدىغان، قاننىڭ ھارارىتىنى تەڭشەيدىغان، ئۆز مىزاجىغا ۋە بەدەن ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، تېرىق، ئارپا، كۆك پۇرچاق، كۆك ماش ئۇنلىرىنى؛ مېۋە تۈرىدىكىلەردىن تاتلىق ئانار، بېھى، غورا، لىمون، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا، جىنەستە، خاسىڭ، جىگدە، شاتۇت، زىرىق، ئالقات قاتارلىقلارنى؛ كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن يۇمغاقسۈت، كاۋا، جاڭدۇ، پېدىگەن، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى؛ گۆش تۈرىدىكىلەردىن كەكلىك گۆشى، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن گازىر مېغىزى مېيى، قوناق مېيى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، كاۋا مانتىسى، يارما پولۇ، سىقماق ئاش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

2. بەلغەم (ھۆل سوغۇق) مىزاج كىشىلەر: 
بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولغاچقا، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن سۇيۇق ئاش، چۆچۈرە، شوۋىگۈرۈچ، بولاق مانتا، ھۆل مېۋىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، شالا ئېقىش، پۇت- قولى توڭلاش ۋە ئېغىرلىشىش، ئېغىز تەمى بەتتام بولۇش، روھى- ھالىتى تۆۋەن بولۇش، ئېغىر بولغاندا پالەچ، ئىستىرخا ، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ،ماددا ئالمىششىنى تىزلەشتۈرىدىغان، قاننى جانلاندۇرىدىغان، ئۆز مىزاجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈردىكىلەردىن ئاق ئۇن، قارا بوغداي ئۇنى، سېرىق ياكى قىزىل پۇرچاق، نوقۇت، باقىلە قاتارلىقلار قوشۇپ ياسالغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى؛ كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن مايلىق يېسىۋېلەك، قىزىلمۇچ، كۈدە، كەرەپشە، سامساق، لوۋىيا، پىننە، پىياز، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلاردا تەييارلانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى؛ مېۋە -چېۋىلەردىن قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق، گۈلە، ئەنجۈر قېقى قاتارلىقلارنى؛ گۆشلەردىن پاقلان گۆشى، غاز، ئۆردەك، باچكا گۆشلىرى، ئات، تۈگە گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن زاغۇن مېيى، قىچا مېيى قاتارلىقلارنىڭ بىرەرسىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تاماق تەييارلاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنجۈر مۇرابباسى، چامغۇر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، تۆگە سۈتى، ئۆچكە سۈتى، توخۇ، كەپتەر، غاز تۇخۇملىرى، ھەسەل، پىننە گۈلقەنتى، قىزىل گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋىپى، پولۇ، ئۇچار قانات گۆشلىرى كاۋىپى، قىيما كاۋاپ، قورۇما كاۋاپ، تۇخۇم، سومىيەن(قورۇما چۆپ)، خوشاڭ، سامسا، قىيما كۆمەچ، ھالۋا، گۆش نان، كۈنجۈت ياكى سىيادان سۈرتۈپ يېقىلغان تونۇر نېنى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435821