维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلۇنۇش (2)
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 16:44:03 چىكىلىشى : 847
مىزاجغا قاراپ ئوزۇقلۇنۇش                   
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كىشىلەرنىڭ مىزاجى قان (ھۆل ئىسسىق) ، بەلغەم (ھۆل سوغۇق) ، سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) ، سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھەر قايسى مىزاجدىكى كىشىلەر يېمەك –ئىچمەك ئىستېمال قىلىشتا ئۆز مىزاجىغا قاراپ، يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلمىغاندا، بەدەندە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن يېمەك- ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ساقلىقنى ساقلاش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوخشىمىغان مىزاجدىكى كىشىلەر ئۆز مىزاجىغا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەبىئىيىتىگە ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
3. سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) مىزاج كىشىلەر: 
بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغاچقا، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن قاتتىق- قۇرۇق نەرسىلەر، مايسىز تاماقلار، زاغرا، گاڭفەن، دادۇر، بېھى، ئەينۇلا قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا بەدەندە قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات ئارتىپ كېتىش ئارقىلىق پۇت- قولى قولىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش، بۇرنى پۈتۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، ئورۇقلاش قاتارلىقلارنى، ئېغىر بولغاندا قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان تومۇر قېتىشىش، قان تومۇر توسۇلۇش، نېرۋا كېسەللىكلىرى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، زىققا، كاناي ياللۇغى، سەپكۈن، داغ، تېرە قۇرغاقلىشىش، تېرە يېرىلىش، چاچ يېرىلىش، چاچ كېپەكلىشىش، قەۋزىيەت، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان، ئۆز مىزاجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ، قاننى قىزىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈردىكىلەردىن قارا بوغداي ئۇنى، سېرىق ياكى قىزىل پۇرچاق، نوقۇت، باقىلە قاتارلىقلار قوشۇپ ياسالغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى، كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن يېسىۋېلەك، پالەك، كۈدە، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، بېدە، لوۋىيا، سۇڭپىياز، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلاردا تەييارلانغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى؛ مېۋە -چېۋىلەردىن ھۆل قىزىل ئۈزۈم، ئامۇت، خورما، ئەنجۈر، بادام، ماندارىن، نارجىل قاتارلىقلارنى؛ گۆشلەردىن پاقلان گۆشى، باچكا گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن زاراڭزا مېيى، كۈنجۈت مېيى، زىغىر مېيى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن تاۋا كاۋىپى، نارىن چۆپ، خولۇپ ئاش، پولۇ، پاقلان گۆشى شورپىسى، باچكا گۆشى شورپىسى، گۆشلۈك شوۋىگۈرۈچ، قولداما، ئۈگرە، قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنجۈر مۇرابباسى، چامغۇر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى؛ ھەسەل، پىننە گۈلقەنتى، قىزىل گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.

4. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج كىشىلەر: 
بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغاچقا، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن كاۋاپ، تۇخۇم، مايلىق گۆش،خوشاڭ، ئىسلانغان گۆش، قېزا ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك زىرە، قارىمۇچ، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا،بەدەندە قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات ئارتىپ كېتىپ ، مىزاجى بۇزۇلۇپ كۆڭلى ئايلىنىش، ھۆ بولۇش، ئۆت ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارنى، ئېغىر بولغاندا چىيقان، غەلۋىرەك، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى، خولېرا، ۋابا، تولغاق، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز مىزاجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، بەدەن ھارارىتىنى سوۋۇتۇش تەسىرىنى بېرىدىغان، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشلىق تۈردىكىلەردىن ماش، كۆك پۇرچاق ئۇنلىرى ، كۆك ماش بىلەن تەييارلانغان پىنتوزا، لەڭپۇڭ قاتارلىقلارنى ؛ مېۋە تۈرىدىكىلەردىن ئۆرۈك ، بۆلجۈرگەن، ئەينۇلا، لىمون، ئاپېلسىن، نەشپۈت، شاپتۇل، تاۋۇز قاتارلىقلارنى؛ كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، ئوسۇڭ، تەرخەمەك، مانتا كاۋىسى، ياڭيۇ، قاپاق، موگو قاتارلىقلار بىلەن تەييارلانغان تائاملارنى؛ سۇيۇقلۇق تۈردىكىلەردىن قېتىق، سوغۇق سۈت، دوغاپ، مۇز سۈيى، ئەينۇلا، نەشپۈت، قارا ئۆرۈك ، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سۇلىرى قاتارلىقلارنى؛ گۆش تۈرىدىكىلەردىن توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىقلارنى؛ مايلاردىن قۇناق مېيى، چىگىت مېيى قاتارلىقلارنى؛ پىششىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن سۇيۇقئاش، شويلا، ئۇماچ، قۇناق ئۇنى چۆچىرىسى، بوغداي ئۇنى چۆچىرىسى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرشى كېرەك.
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435831