维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۈرەكنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 16:55:18 چىكىلىشى : 1016
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۈرەكنى ئاسراش
1.زىيادە ئاچچىقلىنىش،دائىم پەرىشان بولۇش، غەم-ئەندىشىنىڭ كۆپ بولۇشى،بەك ھاياجانلىنىش،داۋاملىق بىر نەرسىدىن قورقۇش،داۋاملىق ئاچچىق يۈتۈش،زىيادە خۇشاللىق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار يۈرەك قانتومۇرلىرىنىڭ جىددىي سىپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ،يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ روھىي ھايۋانىينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،يۈرەكنى ئاسراشتا يۇقارقى زىيانلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ياشاش،كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش،ئاچچىقلانماسلىق،تىت-تىت بولماسلىق،دوست-يارەن،قولۇم-قوشنىلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش،مەنزىرىلىك جايلاردا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئاكتىپ روھىي پائالىيەتلەر روھنى قۇۋۋەتلەپ يۈرەكنى ياشارتىدۇ،قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.            
2. داۋاملىق يۇقىرى مايلىق ،يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا،قاندىكى ماي ماددىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتش سەۋەبىدىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئارتىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنى ماي قاپلاش،قانتومۇر توسۇلۇش،يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇھەم قانتومۇرنى تارايتىپ،يۈرەكنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرىۋېتىپ،يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىدۇ،نەتىجىدە يۈرەك زەئىپلىشىدۇ،ئۇندىن باشقا تۇزلۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش يۈرەككە پايدىسىز بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،يۈرەك رېتىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ،يۈرەك ئۇدۇلىغا قاشتېشى،ياقۇت، مەرۋايىت،ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىقلارنى ئېسىۋالغاندا يۈرەكنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ، قانتومۇرنى كېڭەيتىپ،قان  ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ،روھنى ئۇرغۇتۇپ،يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.                            
3.يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيىلىك بۇلغىنىشى ۋە خىمىيىلىك دورىلار قاننىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئاقىۋەتتە بۇ خىل قان يۈرەك مۇسكۇلىنى زەھەرلەپ،يۈرەكنىڭ قىسقىرىش-كېڭىيىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،شۇنىڭ بىلەن روھىي ھايۋانى سۇسلىشىپ،ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ،مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن يۈرەك ساپ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنەلمەي،روھىي ھايۋانىي ئاجىزلاپ،يۈرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ،يۈرەكنىڭ تىترىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يۈرەكنى قېرىتىپ قويىدۇ،پاكىز مۇھىت ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ،روھىي ھايۋانىينى قۇۋۋەتلەپ،يۈرەكنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا پايدىلىق.  
4.مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش يۈرەكنى ۋە روھىي ھايۋانىينى قۇۋۋەتلەپ،يۈرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلايدۇ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ،ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىنى توسايدۇ،بولۇپمۇ ياشانغانلا ر مېڭىپ بەرسە ھەم يەڭگىل ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ بەرسە يۈرەككە پايدىسى بار،يۈرەك قانتومۇر توسۇلۇش، يۈرەكنى ماي قاپلاش،قان مېيى ئارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى 
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435841