维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
تىبابەت ھەققىدە چۈشەنچە
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 18:25:38 چىكىلىشى : 726
تىبابەت ھەققىدە چۈشەنچە
    تىبابەت دىگىنىمىز –ئىنسانلار ۋە ھەيۋانلارنىڭ بەدەندە پەيدا بولغان ھەرخىل غەيرى نورمالنى ھادىسلەرۋە ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كەسپىدىن ئىبارەت .تىبابەتچلىك تەبىئەت دۇنياسىغا جانلىقلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان . دىمەك .تىبابەت ئىسنانلارنىڭ ئۆز ئەقىل –پاراسەتلىرى ۋە ئەملى تەجىربىلىرى بىلەن پەيدا بۇلغان ۋە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققىي قىلغان نەرسە .بەزى تارىخي ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە يەرشارىدا دەسلەپ مەدەنىيەت پەيدا بولغان جاي مىسىر بابىل مىسوپۇتامىيە جۇڭگۇ بۇلۇپ كىيىنكى زامانلاردا مىسىر بابىل،مىسپپوتامىيە پەلەستىن،ئىراق،سۇرىيە،تەرەپلەردە پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.لېكىن يېقىنقى يىللاردا مەملىكىتىمىز جوڭگۇنىڭ دۇڭ خۇاڭ،تۇرپان ۋە تەكىلماكان بەشبالىق (جىمىسار)تەرەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىك تەكشۇرۇشلەر شۇنىڭدەك سېۋىت ئىتتپاقى تاجىكستان جۇمھۇريىتىنڭ باشقا يات رايۇنىدا يەر  ئاستىدىن تېپىلغان تارىخى ماتىرياللارغا قارىغاندا مەدىنيەت ۋەتىبابەتنىڭ  دەسلەپكى قېتىم ۋەتىنىمىىزنىڭ    جۇڭگۇنىڭ غەربى رايۇنى ۋە ئوتتۇرا  ئاسىيادا پەيدا بولغانلىغى مەلۇم بولغان  كىيىن بولسا بابىل ،مىسىر،     ھىندىستان ،يۇنان ۋە رۇما تەرەپلىرىدە راۋاجلانغان.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى  ۋە پەيدا بولىشىى :
    ئۇيغۇر تىبابىتى بولسا قەدىمى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن ئەسەرلەر داۋامىداىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە تۇرمۇش كۆچۇرۇش شارائىتى جىسمانىي سالامەتلىكىنى قوغداپ نەسلىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۇچۇن ھەرخىل كىسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمەلىيى تەجىربىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۇنىدۇر.ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ يازما تارىخي شەكىلىدە مەيدانغا چىققىنىغا  2500يىلدىن ئارتۇق بولغان.
    ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھيىتى :
 ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ماھىيتى: ئىنسانلارنىڭ تەبئىي مىزاجىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەبئىي دورا ئۆسۇملۇكلەر ۋە شىپالىق تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن كىسەل داۋالاش ۋە كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىدىن ئىبارەت.
   ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى:
ئۇيغۇر تىبابىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە خوشنا ئەللەر بىلەن بېرىش كىلش،ئۆز-ئارا تىبابەتچىلىك،پەن-مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ،ئىجتىمايى مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر بۇلۇپمۇ خەنزۇ،مۇڭغۇل،زاڭزۇ قاتارلىق خەلىقلەرنىڭ تىبابەت ۋە دورىگەرلىك تەجىربىلىرىنى ئۆگەنگەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمىگە تەسىر كرسىتىپ ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجىرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقلىق ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك نەزىرىيسىنى بېيىتقان شۇنىڭدەك چەتئەللەرگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق قەدىمى يۇنان،پارىس،ھىندى تىبابەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.ھەمدە ئىلغار تەجىربىلەرنى قۇبۇل قىلىش ئۇنى ئۆزگەرتىپ مئوللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبابەت مەزمۇنىنى بېيىتقان.ئۇيغۇر تىبابىتى تەرەققي قىلىش جەريانىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئەگىرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتۇپ نۇرغۇن ئىسىق-سۇغاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن.بەزى زامانلاردا تەرەققىي قىلىپ گۇللەنگەن بولسا بەزى زامانلاردا ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن خاراپ بۇلۇپ يوقۇلۇش گىرداۋىىغا بېرىپ قالغان لېكىن ئۇيغۇر تىبابىتى ئەسلىدە ماددىي بىلىملەرنى ۋە ئەمەلىي تەجىربىلەرنى ئاساس قىلغان ئىلمىي ھەقىقەت بولغاچقا ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي خەلىق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ھىمايىسىگە ئىگە بۇلۇپ ھەمدە تەرەققىي قىلىپ  بۆگۈنكىدەك سەۋىيگە يەتكەن .
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435849