维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيۋى ئاساسلىرى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 18:40:49 چىكىلىشى : 826
ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيۋى ئاساسلىرى
ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيۋى ئاساسلىرى –ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخى ماھىيىتى ،ئىجتىمائى ئورنى ، تەرەققى قىلىش جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ باشقا تىبابەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنى شونىڭدەك ئويغۇر تىبابىتنىڭ تۈپ قائىدە –قانۇنيەتلىرنى ،كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپ ،ئالامەتلىرىنى ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،داۋالاش ئوسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن .
                         
  ئويغۇر تىبابەتچىلىكى نەزەرىيۋى ئاساسلىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى :
ئادەم بەدىنىنى بىلىش ۋە ئىنسانىنىڭ ياشايدىغان مۇھىت شارائىتنى بىلىشى ،ئىنسانلارنىڭ ساقلىق ۋە كىسەللىك ھالەتلىرنىڭ سەۋەبىنى بايقاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ،يۈز بەرگەن ھەرخىل كىسەللىكلەرنى تۈرلۈك دۇرا ۋە باشقا چارىلەر ئارقىلىق داۋالاپ ئىسانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنى تەتىقىق قىلىشتىن ئىبارەت .

ئويغۇر تىبابىتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەزەللىكى :
   ئويغۇر تىبابىتى ئاساسەن ئىككى ئىشنى نەزەردە توتىدۇ ،(1)ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ،يەنى ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكنى ئاسىراش،ھەرخىل كىسەل ۋە خېيىم خەتەرلەردىن ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ،شونىڭدەك كۈندىلىك تورمۇشنىڭ ھەرقايسى جايىلىرىدا رىئايە قىلىدىغان زۈرۈر شەرتلەرنى ،كىشلەرگە تونۇشتۇرۇش ،تۇرمۇشنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا ساقلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغىرىسدا مەسلەھەت بېرىپ تۇرۇش ،ھەرخىل تىپتكى ئادەملەرنىڭ مىزاجى ،جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتلەرىگە قاراپ ۋە ئۆرۈپ –ئادەتلىرىنى نەزەردە توتۇپ ،ئۇ كىشنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىشلارغا رىئايە قىلىش لازىملىقنى ،قانداق كېسەللىكلەرگە يۇلۇقۇش ئېھتىمالى بارلىقنى مۆلچەرلەپ ،ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە –تەدىبرلىرنى چۈشەندۈرۈش ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش توغىرلۇق ئاگالاندۇرۇش بېرىش ،بۇ ئويغۇر تىۋىپلىرنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر .
(2)كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئادەم بەدىندە كىسەل پەيدا بولغاندا ،ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ياكى يوشۇرۇن دەۋرى ،ئىككىنچى باسقۇچى ،ئۈچۈنچى باسقۇچى (بۆھران )تۆتىنچى باسقۇچىدا يەنى ساقايغاندىن كىيىن رىئايە قىلىدىغان شەرتلەرنى چىڭ توتۇش .
2) ئويغۇر خەلىقنىڭ ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرنىڭ بىرى پاكىزلىق ،يەنى شەخسىي تازىلىق ،ئۆي –ئائىلە تازىلقى ،مۇھىت تازلىقىغا قاتتق رىئايە قىلىشتۇر .
3)ئويغۇر تىبابىتىدە ئادەم بەدىنىدە ‹‹تەبىئەت ››دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئالاھىدە كۈچ بارلىقنى تەكىتلىندۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ ئەھمىيەت بىرلىدۇ .
4)تىبابىتىمىزدە ئادەملەرنىڭ تەبئىي مىزاج مەسلىسى ۋە روھىي دۇنياسىغا ۋە نىرۋا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلدۇ .كىشلەرنىڭ مىزاجى ۋە بەدەنىنىڭ فىزىئولۇگىيلىك جەريانى تەبئىي ۋە كەسپى خوسۇسىيەتلىرى ،پىسخولوگىيسى ،ئۆرۈپ –ئادىتى ،جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرىنى بىمارنىڭ مىزاج دائىرسىگە كىرگۈزۈپ تەھلىل قىلىندۇ .ساقلىق ۋە كىسەللىك ھالىتىنىڭ ئۇنىڭ مىزاجى بىلەن چوڭ موناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدۇ .
5)تىبابىتىمىزدە كىسەل داۋالاشتا ،كىسەل پەيدا قىلىشقا سەۋەپ بولغان ئاساسى ئامىلنى (ماددىنى )تۇنۇش ۋە ئۇنى بەدەندىن ھەيدەپ چىقرىش ئارقىلىق كىسەلنى تۈپ يىلتىزدىن داۋالاش مەقسەت قىلىنىدۇ .
6)تىبابىتىمىزدە كىسەل تەكشۈرۈش ۋە دىئاگىنۇز قويۇشتا قاراپ تەكشۈرۈش ،سوراپ تەكشۈرۈش ،تۇمۇر توتۇپ تەكشۈرۈش ،چىقرىندىلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمىلىي ئۇسۇللارغا كۆپ ئەھىمىيەت بېرىلىدۇ .
7)تىبابىتىمىزدە كىسەللىكنى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ۋە داۋالىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بۇلغان ئورگانىڭ ئەشىيالار،ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن تەبئىي دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ .دورىلانى مۇرەككەپ قىلىشتا ئاساسىي جەھەتتىن فىزىكىلىق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ ،پەقەت ئايىرىم دورىلارنى كۈشتە قىلغاندا قىسمەن خىمىيۋى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى قوللىنلىدۇ .
8)تىبابتىمىزدە كۆپىنچە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر ،ئوكسىگىن ۋە كاربونغا باي بۇلغان گۈل –چىچەكلەر ۋە ھەرخىل مىۋىلەردىن سىقىپ چىقرىلىغان شىرنە شەربەتلەر ،ئەرەقلەر ،قايناتما (كاشكاپلار)كۆپ ئىشلىتلىدۇ .بۇ نەرسىلەردە بەدەنگە قۇۋۋەت بۇلىدىغان ھاياتنىلار(ۋىتارمنىلار )مول بۇلىدۇ .ھەم سويۇق دورىلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشى ئاسان دەپ تۇنىلىدۇ .
9)تىبابتىمىزدە دورىلارنى مۇرەككەپ قىلىپ ئىشلەپچىقرىشتا ،ھەسەلنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ قوللىندۇ .ھەسەلنىڭ ھەسەل قۇشۇلغان دۇرىلارنى چىقىرىشتىن ۋە جاراسىملاردىن ساقىلىنىش خۇسۇسىيتىمۇ بار .شۇنىڭ ئۈچۈن ئويغۇر تىبابىتىدە ئىشلەنگەن مۇرەككەپ دورىلارنىڭ ئۈنۈم مۇددىتى بىر يىلىدىن بەش يىلىغىچە داۋام قىلالايىدۇ .ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئالىي سورتلۇق دە ھىساپلىغان دورىلارنىڭ تەركىبىگە ئىپار ،ئەنبەر ،زەپەر ،مەرۋايىت ،ئالتۇن ،كۈمۈش ۋەرەق قاتارلىق قىممەت باھالىق دورا ئەشيالارىمۇ قوشىلىدۇ ،بۇ نەرسىلەرنىڭ مىڭە-يۈرەك قاتارلىق مۇھىم رەئىس ئەزالارنىڭ ھۈجەيىرىلىرىگچە ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى ۋە ئوكسىگىننى ئىنتايىن تىز يەتكۈزۈپ بىرىش ئالاھىدىلىكى بار.
10)تىبابىتىمىز كىشلەرنىڭ تامەق ئىستىمال قىلىش ۋە ھەرخىل ئۇزۇقلۇقلىنىشنىڭ تەرتىپ قائىدىلىرىگە ناھايىتى ئىنچىكە قارايدۇ .
11)تىبابىتمىز سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجىرىبە ۋە ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر كۆپىنچە سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ .
12)تىبابىتمىز ھەرمىللەت خەلىقنىڭ مىللىي ۋە جىسمانىي خوسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئۇلار ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ھاۋا كىلماتى ۋە تەبىئي شارائىتى بىلەن ئوبدان ھىسابلىشىدۇ .
13)تىبابتىمىزنىڭ خەلىق ئاممىسى ئىچىدىكى يەرلىك تەجىربىلەرنى يىغىش شارائىتى ياخشى 
14)تىبابىتمىزدە ئىشلىتلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى دورا ئەشيالار ئۆز تۇپرىقمىزدىن چىقىدۇ . 
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435835