维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە مېڭىنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 18:48:27 چىكىلىشى : 968
ئۇيغۇر تېبابىتىدە  مېڭىنى ئاسراش
 1.بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانىدا ئادەم مېڭىسىنىڭ سەرپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى ناھايىتى كۆپ بولىدۇھەم چارچاشمۇ ئېغىر بولىدۇ،نەتىجىدە مېڭىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ،شۇڭلاشقا يېتەرلىك ئۇخلاپ،مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش،مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە   كەلتۈرۈش لازىم.  
 2.مۇۋاپىق ئوزۇقلانماسلىق مېڭىنى قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تولۇق تەمىنلەپ بېرەلمەي،مېڭىدىكى روھىي نەفسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەفسانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق  تەڭشەپ،ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى،پىستە مېغىزى،قوينىڭ مېڭىسى،قۇشقاچ مېڭىسى،ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشى،تۇخۇم، قايماق، يىلىك، قىزىل ئۈزۈم، يېڭى مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە،مېڭىنى  قۇۋۋەتلەپ مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ،مېڭىنى ياشارتىدۇ.  
3. داۋاملىق يۇقىرى مايلىق ،يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا،قاندىكى ماي ماددىسىنى   يۇقىرىلىتىۋېتش سەۋەبىدىن قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش،مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ،ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ،شۇڭا ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش بىلەن بىرگە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە،گۈل –گىياھلارغا،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سۈرەتلەرگە قاراپ بېرىش مېڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى  چارچاشنى تۈگىتىپ،مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.             
4.ھاراق بىلەن تاماكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلسا، مېڭىدىكى روھىي نەفسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەفسانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،مېڭىنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ،ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم مېڭە قان تومۇر قېتىشىش،شەقىقە،
مېڭە پەردە ياللۇغى،مېڭە خىزمىتى قالايمىقانلىشىش،مېڭە قانتومۇر توسۇلۇشتەك كېسەللەرنى پەيدا قىلىش بىلەن
بىرگە مېڭىنى قېرىتىۋېتىدۇ،شۇڭا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ھاراق-تاماكا ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.              
5.ئەقلى ئەمگەكنىڭ كۆپلۈكى مېڭىگە بولغان بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋېتىپ،قۇۋۋىتى نەفسانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،مېڭىنى چارچىتىدۇ ھەم مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،مېڭىگە زىيادە قۇرۇقلۇق يەتكەندە ئادەمنىڭ
ئۇيقۇسى قېچىپ،مىجەزى ئىتتىك بولۇپ قالىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا پىشانە ۋە ئىككى چىكە ساھەسىنى بادام يېغى بىلەن مايلاپ بېرىش ئارقىلىق مىزاجى تەڭشىلىدۇ،زىيادە ھۆللۈك يېتىپ قالسا سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ،ئادەم ھورۇنلىشىپ قالىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا لاچىندانە،ئۈستىقۇددۇس،سازەچ،سۇنبۇل ۋە قىزىلگۈل قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،چايلىق قىلىپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق مىزاجىنى تەڭشەش لازىم.
6.ھەر پەسىلدە بىر قېتىم شەربىتى ئۈستقۇددۇس بىلەن مەتبوخ ئەفتىموننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلى
بەرگەندە،مېڭىنى تەنقىيە قىلىدۇ،مېڭە توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ،روھىي نەفسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەفسانىينى كۈچەيتىپ،مېڭىنىڭ ئەقلى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ،مېڭىنى قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ ساغلاملاشتۇرىدۇ،مېڭە  كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.     
7.ئىپار،ئەنبەر قاتارلىق خۇشپۇراق روھنى قۇۋۋەتلىگۈچى،خۇشلۇق كەلتۈرگۈچى دورىلارنى پۇراپ بەرسە مېڭىگە خۇشلۇق يەتكۈزۈپ،روھنى جانلاندۇرۇپ،تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435258