维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە جىگەرنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-10 18:51:31 چىكىلىشى : 945
ئۇيغۇر تېبابىتىدە  جىگەرنى ئاسراش
1.زىيادە ئاچچىقلىنىشتەك ناچار روھىي كەيپىيات  جىگەردىكى خىلىتلاردا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ،خىلىتلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ئاقىۋەتتە جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ ھەم ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ،جىگەر بىلەن ئۆت خالتىسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەم ئۆت خالتا ياللۇغى ۋە ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئارتۇقچە تەشۋىشلىنىش ۋە چارچاشمۇ جىگەرگە زىيانلىق،جىگەرنى ئاسراش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ھاراق ۋە زىيادە ئاچچىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم،جىگەر ئاچچىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە قوبۇل قىلالمايدۇ،ئەگەر ئادەم ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچسە جىگەردىكى قۇۋۋىتى تەبىئىي ۋە روھىي تەبىئىي ئاجىزلايدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئەزالاردىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرمۇ ئاجىزلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچى ئاجىزلايدۇ،ئۇندىن باشقا جىگەردە ئىشلىنىدىغان خىلىتلارمۇ سۈپەتلىك ئىشلىنىپ چىقماي،ئەزالارنىڭ نورمال ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، جىگەردىكى قۇۋۋىتى تەبىئىي ئاجىزلايدۇ،جىگەردىكى خولىستىرىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ،جىگەر قېتىش،جىگەر چوڭىيىش،جىگەر ياللۇغى،جىگەر تومۇرلىرى توسۇلۇش،مايلىق جىگەرگە ئوخشاش كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ،شۇڭا جىگەرنى ئاسراش ئۈچۈن ئىسپىرت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.                         2.داۋاملىق يۇقىرى مايلىق ،يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا،قاندىكى ماي ماددىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتش سەۋەبىدىن جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ،جىگەر قان ئايلىنىشى راۋان بولماي،جىگەر ئۆزىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ ھەم جىگەر قېتىش،جىگەر چوڭىيىش،جىگەر ياللۇغى،جىگەر تومۇرلىرى توسۇلۇشقا ئوخشاش كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ،خىلىتلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،جىگەر ئاسان قېرىپ كېتىدۇ،شۇڭا ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش،زىيادە ئاچچىقلانماسلىق،تەشۋىشلەنمەسلىك،ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش لازىم،مۇشۇنداق ياخشى روھىي كەيپىياتنى يېتىلدۈرگەندىلا،روھىي تەبىئىينىڭ ئاجىزلىشىشىنى توسۇپ،خىلىتلارنىڭ سۈپەتلىك ئىشلىنىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ،جىگەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ،جىگەرنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگەتكىلى ۋە قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ،شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى،جىگەرمۇ يۈرەككە ئوخشاشلا خۇشاللىققا موھتاج.
3.ئەقلى ۋە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا مېڭىنىڭ سەرپ قىلىدىغان قۇۋۋىتىمۇ كۆپ بولىدۇ،مېڭىگە سەرپ بولىدىغان قۇۋۋەت جىگەردىن كەلگەچكە جىگەرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىپ،جىگەرنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش پۈتۈن بەدەننىڭ جۈملىدىن جىگەرنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ،جىگەرنىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ھەرخىل جىگەر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.


     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435858