维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-11 11:27:46 چىكىلىشى : 1547
 ئۇيغۇر تېبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش
1.بەل ساھەسىگە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇزۇن مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بۇ سوغۇقلۇقلار ئەسلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولغان بۆرەككە ئاسانلا تەسىر قىلىپ،بۆرەكنى تېخىمۇ سوۋۇتۇپ،ئاسانلا سوغۇقتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كىيىنىش، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،پوتا باغلىۋېلىش لازىم.                     2.قالايمىغان قىلمىشلار مەسىلەن :جىما،جەلەق،سەيلانى مەنىي، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش قاتارلىقلار .قۇۋۋىتى شەھۋانىنى كۈچەيتىۋېتىپ،بۆرەكنىڭ دائىملىق كۈچىنىپ ئىشلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئاسانلا بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرۈپ قويىدۇ،ئەتىگەندە مۇۋاپىق چېنىقىپ،قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە،بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.                                    3.كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا چىقارماي،قىستاپ يۈرگەندە سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىتونلۇق ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ،كىتوندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۆرەككە بېسىم قىلىپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ،يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق،دەم ئالماسلىق،ئەقلى ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ،بۆرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،كۈندە ئەتىگىنى بىر قوشۇق ھەسەلنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ.                                                                                 4.سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانغاندا بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرىدۇ،ياڭاق مۇرابباسى،ئەنجۈر مۇرابباسى،زەنجىۋىل مۇرابباسى،ئۈزۈم شىرنىسى،خورما،لوبۇبى كەبىر ۋە ماددەتۇلھايات قاتارلىقلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ.               

5.سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە بۇ خىل دورىلار بۆرەكنىڭ نورمال چىقىرىش قۇۋۋىتىنى  ئاشۇرۇپ، بۆرەكنىڭ يېغىنى ئېرىتىۋېتىپ،ئاسانلا بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                      

6.ئۇزۇن مەزگىل ھاراق تاماكا ئىستىمال قىلغاندا تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرت بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى بۇزۇپ،بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                                    

 7.ياڭاق،بادام،قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلاردا سوقماق تەييارلاپ ئىستىماق قىلىش بۆرەكنى ئاسرايدۇ.                8.كەكلىك،بۆدۈنە،ئۇلار،باچكا،قۇشقاچ قاتارلىقلارنىڭ گۆشىنى يەپ بېرىش بۆرەككە پايدىلىق.                 

 9.ياڭاق،بادام،پىندۇق،پىستە قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىنىڭ مېغىزىنى سوقۇپ چاي سۈتلەپ ئىچكەندە، بۆرەكنى  قۇۋۋەتلەيدۇ.                10.مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق ماتىڭى ئىستىمال قىلىش بۆرەككە پايدىلىق.                                        

11.ھايۋاناتلارنىڭ بۆرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

      مەنبە:‹ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش›دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435838