维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاشقازاننى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-11 11:36:50 چىكىلىشى : 1004
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاشقازاننى ئاسراش
1.زىيادە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ،ئاشقازاننى سوۋۇتۇپ،قۇۋۋىتى ھازىمە،قۇۋۋىتى ماسىكە نى ئاجىزلاشتۇرۇپ،قۇرتسىمان لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەي-تارامۇشلارنى بوشاشتۇرۇپ،تاماق سىڭمەسلىك،قورساق كۆپۈش،ئاشقازان تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.                         2.زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەر،دورا-دەرمەكلەرنى ۋە لازا-ئاچچىقسۇ،قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازان تىۋىتلىرىنى غىدىقلاپ،ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىپ،ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                                 

3.ھاراقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرتلىق تەركىبلەر ئاشقازان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئاشقازان ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ،يارا شەكىللەندۈرۈپ،تەدرىجىي راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماق ۋاقتىنى تەرتىپكە سالماي بىردە ئاچ،بىردە توق يۈرۈش ئاشقازاننىڭ قۇۋۋىتى ھازىمەسىنى بۇزۇپ،ئاشقازان كېسەللىكى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.       4.يىمەكلىكنى ياخشى چاينىماي يۇتقاندا  ياكى غەلىز يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بۇ خىل تاماق بوتقىلىرى ئاشقازان دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈپ،ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇڭا تاماق يىگەندە  زىيادە تويۇنۇپ كەتمەسلىك،تاماق يەپ بولۇپلا ياتماسلىق،ھېچ بولمىغاندا 30-60مىنۇتقىچە ئۆتكەندىن كېيىن يېتىش،ياتقاندا سول تەرەپنى بېسىپ يېتىشنى ئادەت قىلىش لازىم.       5.تولا ئاچچىقلىنىش،غەزەپلىنىش،قايغۇرۇش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار قۇۋۋىتى ھازىمەگە تەسىر كۆرسىتىپ،ئاشقازاننىڭ نورمال لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى ۋە سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىشىنى بۇزۇپ،ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.                                                 6.باچكا،بۆدۈنە،كەكلىك،قۇشقاچ قاتارلىقلارنىڭ گۆشىگە دارچىن،پىلپىل،قەلەمپۇر،بەدىيان،تاشاڭ،زىرە قاتارلىقلارنى قوشۇپ شورپا ياكى كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك.        

 7.سۇيۇقئاش،ئۈگرە،چۆچۈرە قاتارلىق ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئىستىمال قىلغاندا مۇۋاپىق مىقداردا پىننە،زىرە ، بادىيان،رۇم بادىيان قاتارلىقلارنى سېپىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.  

8.ئارلاپ توخۇ تاشلىقىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ بېرىش لازىم.  


     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435832