维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۆپكىنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-11 11:40:32 چىكىلىشى : 1061

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۆپكىنى ئاسراش

1.ئۆپكىگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قىش كۈنلىرى قېلىنراق كىيىنىش،نەشە،ئەپيۇن،تاماكا  قاتارلىقلارنى چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك،چۈنكى بۇلار تەركىبىدىكى نىكوتىن ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى بۇزىدۇ،ھەركۈنى ئەتىگەندە ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ،بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىش كېرەك.                    2.ئارلاپ بادام ياكى ئۆرۈك مېغىزى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بەلغەمنى تازلاپ،ئۆپكىنى ياشارتىدۇ.            3.مۇۋاپىق مىقداردا ئۈجمە،گىلاس ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە،بەلغەم چىقىرىپ،ئۆپكىنى تازلايدۇ.                4.ئارلاپ چامغۇر شورپىسى،توخۇ گۆشى شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازلايدۇ ۋە ياشارتىدۇ.          5.مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قومۇشى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ.                        6.ھايۋانات ئۆپكىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ،نورمال بولغان ياخشى كۈلكە ئۆپكىنىڭ نەپەس ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ،روھىنى ئۇرغۇتىدۇ،نەپەس يوللىرىنى تازىلاپ،بەدەندىكى زەھەرلىك گازلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.                                                           7.ھەركۈنى ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ئەنجۈر مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ.  8.مۇۋاپىق مىقداردىكى رۇببىسۇسنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ،ئازراق شېكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى تازلايدۇ.

9.كۈندىلىك تاماقتا چامغۇرنى توغراپ ئاش ئېتىپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى ئاسرايدۇ.                  10.كۈندە ئەتىگەندە سۈت ئىستىمال قىلسا ئۆپكىنى ياشارتىدۇ.                                          11.چايغا مۇۋاپىق مىقداردا تەرەنجىبىن سېلىپ ئىستىمال قىلغاندا ئۆپكىنى تازلاپ ياشارتىدۇ. 


     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435257