维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە سۆڭەك بوغۇملارنى ئاسراش
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-11 13:38:06 چىكىلىشى : 1080

ئۇيغۇر تېبابىتىدە سۆڭەك بوغۇملارنى ئاسراش

ئادەم بەدىنىدە 206پارچە سۆڭەك بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە باش سۆڭىكى29پارچە،گەۋدە سۆڭىكى51پارچە،يۇقارقى مۆچە سۆڭىكى 64پارچە،تۆۋەنكى مۆچە سۆڭىكى62پارچە بولۇپ سۆڭەكنى ئاسراشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت  قىلىش لازىم.                                                                                           
1.بېسىلىش،ئۇرۇلۇش،سوقۇلۇش،يانجىلىش قاتارلىق بىۋاستە سىرتقى زەخمىلەردىن ساقلىنىش لازىم.                
2.تاماكا چېكىش،خىمىيىلىك،ھورمونلۇق دورىلارنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە يەللىك غىزالارنى كۆپ  ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.                                               

 3.سۆڭەكنىڭ مىزاجىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم،سۆڭەكنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ،ئۇنىڭغا ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەر ۋە دورىلارنى يەنى سۈت،قايماق،ھەرخىل مېۋىلەر،ئامىلە نوشدارى،داۋائىمىشكى،لوبۇبى كەبىر،مۇراببالارنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش لازىم.                                                       
4. بوغۇملارغا زىيادە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم،ئۇنداق بولمىغاندا رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ،كۆمۈرچەكلەردە ئۈششۈك پەيدا بولۇپ،ئوزۇقلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ قويىدۇ،رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى ئېغىرلاشسا يۈرەككە تەسىر قىلىپ،رېماتىزىملىق يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.                      
5.بوغۇملارنىڭ چىقىپ كېتىشى ۋە قايرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش،بوغۇملار كۆپ قېتىم چىقىپ كەتسە ئادەت خارەكتېرلىك بوغۇم چىقۇقىنى پەيدا قىلىپ،بوغۇملاردا زەخىملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ،بوغۇملارنى ئۆزى ھەركەتلىنەلەيدىغان دائىرە ئىچىدە ھەركەتلەندۈرۈپ چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.

     مەنبە: ‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش› دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435848