维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » تىببىي ئۇچۇر ساۋاتلار » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
قارا بېسىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن بىشارىتى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-13 18:54:59 چىكىلىشى : 951
 قارا بېسىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن بىشارىتى 
يەرشارى تورى خەۋىرى: دائىم قارا بېسىش بەلكىم خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن، ئەندىشە، مەلۇم خىل دورىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن. ئەمما مەلۇم ئېغىر كېسەللىكلەرمۇ قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قارا بېسىشمۇ مەلۇم خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن بىشارىتى ئىكەن
1.يۈرەك كېسىلى : شىۋىتسارىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ياشانغان ئەر ۋە ئاياللار قاتناشقان تەكشۈرۈشتە، دائىم قارا بېسىپ قېلىش يۈرەكنىڭ رېتىمسىز سوقۇشى، ئارىلاپ تۇتىدىغان كۆكرەك ئاغرىش كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ تەكشۈرۈشتە يەنە دائىم قارا باسىدىغان ۋە ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان 40 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان خانىملار ئارىسىدا كۆكرەك ئاغرىش ۋە يۈرەك سوقۇشى رېتىمسىز بولۇش كۆرىنەرلىك كۆپەيكەن. ئاياللاردا ئادەت توختىغاندىن كېيىن، سپازمىلىق كۆكرەك ئاغرىش كۆپىيىدۇ.
2. يىغىندى كېسەللىكلەر : ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم بىر ژۇرنال يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس كىشىلەردە قارا بېسىش تۈپەيلى ۋارقىراپ-جارقىراش، يىغلاش، نەرسىلەرنى ئۇرۇپ-تېپىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن. بۇنداق كىشىلەرنىڭ يىغىندى كېسەللىكلر شۇنداق باشقا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدىكەن.
3. ئۇيقۇلۇق ھالەتتە نەپىسى توختاپ قېلىش : ئامېرىكا ئۇيقۇ تەتقىقاتى ئورنىدىكى تىببىي دوكتۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەگەر دائىم قارا باسسا، سۇغا چۆكۈپ كېتىپ ياكى نەپەس ئالالماي چۈش كۆرسە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ، ئۇيقۇلۇق ھالەتتە نەپىسى توختاپ قېلىش كېسىلى بار-يوقلۇقىغا دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك». ئۇيقۇلۇق ھالەتتە نەپىسى توختاپ قېلىش كېسىلى ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. روھىي كېسەللىكلەر: ئەنگىلىيەلىك پىسخىلوگىيە دوكتۇرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى سىناققا قاتناشقان بالىلارغا قارىتا بوزەك بولۇش بىلەن قارا بېسىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نەتىجىدە، دائىم قارا باسىدىغان ياكى كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىدىغان بالىلارنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ياشلىق مەزگىلىدە قەدەم قويۇش باسقۇچىدا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولدىغانلىقىنى بايقىغان. يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ كۈندۈزدە يولۇققان ئىشلىرى ئۇلارنىڭ كەچلىك ئۇيقۇسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا پەرزەنتلەرنى دائىم قارا بېسىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار سەل قارىماسلىقى كېرەك.

    مەنبە : health.huanqiu.com
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435850