维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » تىببىي ئۇچۇر ساۋاتلار » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
شىنجاڭدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-13 18:59:28 چىكىلىشى : 974
شىنجاڭدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى
    1955-يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقىلىپ تاكى 2014-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى 94 ناھىيە (شەھەر، رايون) دوكلات قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار جەمئىي 43555 غا يەتكەن. 2014-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 4143 بولۇپ، بۇ 2013-يىلىغا قارىغان 0.3% ئازايغان. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.10-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي يىغىنغا قاتناشتى.
     غانىبات سابۇكەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى مۇقىملاشقان، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان، جەنۇبىي شىنجاڭ، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئەيدىز يۇقۇمنىڭ يامراش سۈرئىتى تېز بولغان، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشى سەۋەبلىك داۋالاش ۋەزىپىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىشقا باشلىغان. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى شىنجاڭدا ھەر يىلى دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرى سانى 4500 دىن 5500 گىچە بولغان، لېكىن 40% بىمار يەنىلا بايقالمىغان.
يېقىنقى نەچچە يىلدا تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ ماڭغان بولۇپ، ھايات قالغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىشكە باشلىغان، ئەيدىز كېسىلى تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار يىلسېرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئامىللىرى يەنىلا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئالدىنى ئېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان.
تارقىلىش يولى جەھەتتە، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن تارقىلىشنىڭ ئورنىنى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە زەھەر چېكىشتىن تارقىلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۇراقلىق بولغان، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتتە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان بەلگىلىك نۇقتىدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش ئاپپاراتىدىن 89 ى بولۇپ، بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىغان. ئاپتونوم رايون بويىچە خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى ئاساس قىلىنغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسەللىكى تەجرىبىخانا خىزمىتى تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ئوكۇل ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، يوشۇرۇن پاھىشىۋازلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا جىنسىي مۇناسىۋىتىنى توسۇش، جورىسى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ھەمراھى ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر كەينى-كەينىدىن قانات يايدۇرۇلغان.
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئەيدىز كېسەللىكىگە ئائىت 6 خىل داۋالاش يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.

     مەنبە : uy.ts.cn 
.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435837