维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » شىركەت خەۋەرلىرى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
‹يۇقىرى پەن-تېخنىكا،سۈپەت،ئۈنۈم ۋە ساداقەتنىڭ خەلقئارالىشىش يولى › تېمىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىللىق خۇلاسە يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۆزۈلدى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-20 19:46:03 چىكىلىشى : 1532

شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ‹يۇقىرى پەن-تېخنىكا،سۈپەت،ئۈنۈم ۋە ساداقەتنىڭ خەلقئارالىشىش يولى › تېمىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىللىق خۇلاسە يىغىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۆزۈلدى

2015-يىلى2-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تىخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىلىپ بارغان ‹يۇقىرى پەن-تېخنىكا،سۈپەت،ئۈنۈم ۋە ساداقەتنىڭ خەلقئارالىشىش يولى › تېمىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىللىق خۇلاسە يىغىنى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۆزۈلدى. بۇ قىتىمقى يىغىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولسا شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش، شىركەتنىڭ ھازىرى، كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات ئىستىراتىگىيسىنى تۇنۇشتۇرۇش؛ ساداقەت شىركىتىىنىڭ ھەمكارلىقنى يادرو قىلغان كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ شىركەتكىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن قىممىتىنى نامايان قىلىش؛ ساداقەتنىڭ خەلقئارالىشىش يولىدا باسقان ئۈنۈملۈك قەدەملىرى، ئەندىزىسىنى ئۆرنەك سۈپىتىدە جامائەتچىلىككە ئۇختۇرۇش؛لىدىر ئەلىجان ئىسمايىل باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى سەۋىيەلىك ساداقەت قوشۇنىنىڭ كەلگۈسىگە دادىل، پۇختا قەدەم ئالغانلىقىنى نامايىش قىلىش؛ 2015-يىللىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، مۇنەۋۋەر ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش، يېڭى ۋەكالەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش. بۇ ئارقىلىق ساداقەت شىركىتىىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئورتاق بېيىش، ساداقەتنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەقىياتىغا زور تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتى.

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نوقتا شۇكى بۇ قىتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولوپ ، يىغىن زالى دىيارىمىزدىكى ھەرساھە بايراقدار كارخانچىلار ۋەكىللىرى

، جەمئىيەت ئەربابلرى، تىببى ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەر،شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىن كەلگەن ساداقەت شىركىتىنڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى، دۇكاندارلار، ئىستىمالچىلار ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولوپ جەمئى 300 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى.

يىغىن تولىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئچىدە باشلاندى، ئالدى بىلەن رىياسەتچى تەنتەنىلىك ھالدا يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئىلان قىلدى، ھەمدە بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەقسىتىنى ئوتتورغا قويوش بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مىھمانلارنى تونوشتۇرۇپ ئۆتتى. گۈلداراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە شىركەت لىدىرى ئەلىجان ئىسمايىلنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئەلىجان ئىسمايىل ئەپەندى ئاددى ھەم جانلىق تىل بىلەن شىركەتنىڭ ئومومى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى، ھەمدە 2014-يىلدىكى خىزمەتلەردىن قىسقىچە خۇلاسلەپ ئۆتۆش بىلەن بىرگە 2015-يىلدىكى شىركەتنىڭ يىڭىچە ئىستىراتىگىيەسى، تەرەققىيات نىشانى ، خەلىقئارالىششى توغرىسىدىكى پىلانلىرىنى ئوتتورغا قويدى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تەپسىلى ئىشلىنىش جەريانىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئاكادىمىيىسى تەتقىقات خادىمى ئابدۇۋېلى ئەپەندى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سودا ئادۋوكاتلىق ئورنىنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كەسپى ئادۋوكات، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسىم كومتېتىنىڭ كېسىمچىسى داڭلىق كارخانىچى مىجىت لىتىپ ئەپەندى ھەمكارلىق توغرسىدا سۆزلەپ ئۆتتى. ساداقەت شىركىتىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىن شۇنچە كۆپ ھەمكارلاشقۇچىلارنى بىريەرگە يىغىپ ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالغان دادىل قەدەملىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.


شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ تېلۋېزىيىسى«بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، مەرىپەت دېرىكتور تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىمىت كېرەم ئەپەندى ساداقەتنىڭ سىتراتىگىيىسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرسىدا سۆزلەپ ساداقەت شىركىتىنىڭ توغرا بولغان شىركەت ئىستىراتىگىيەسى تۈرىتكىسىدە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەم قويغانلىقى ھەمدە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تىخمۇ ئوڭۇشلۇق بولدىغانلىقى جەزمىلەشتۈردى.

شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى چەكلىك شىركىتى( دورا زاۋۇتى ) ، شىنجاڭ ساداقەت بىئوخەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، تەرەققىياتى توغرسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلار شىرۋە لىدىرغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى دەپ ئۆتتى. غۇلجىدىن كەلگەن ھەمكارلاشقۇچىئەكبەر ئەپەندى سۆز قىلپ ، بۇ قىتىمقى يىغىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىركەت ۋە مەھسۇلاتلارغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشقانلىقى، مۇكەممەل بولغان شىركەت ئىستىراتىگىيەسى ، شىركەت مەدىنىيتىدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن شىركەت تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ، بۈگۈنكى نەخ مەيداندىلا 500 مىڭدىن كەينى 150-200مىڭ يىۋەنگىچە زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ توختام ئىمزالىدى ۋە ئۆزىنىڭ ساداقەتكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە مېھرى- مۇھاببىتىنى ئىپادىلدى.

بىر يىل ئىچىدە جاپالىق خىزمەت قىىلىپ بەلگىلىك نەتىجە ككرسەتكەن ئىلغار خىزمەتچىلەر مۇكاپاتلىنىپلا قالماستىن ،ئۇلارنى بىقىپ چوڭ قىلغان شۇ جاپاكەش مىھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمۇ 11 كۈنلۈك سەنيا ساياھىتى بىلەن مۇكاپاتلاندى . ھەمكارلاشقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئاتا-ئانىلار بولوپ جەمئى 20 ئادەم 11 كۈنلۈك سەنيا ساياھىتىگە ئورونلاشتۇرۇلدى.ئاخىرىدا ھەرقايسى ئورونلاردىكى مۇنەۋۋەر ھەمكارلاشقۇچىلار، ئىلغار شىركەت خادىملىرى مۇكاپاتلاندى. قىسقىلا يىرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولغان بازار بۆلۈمىدىن ئابلەت ئابلا ئەپەندى ۋە ئابدىۋىلى ئىسمايىل 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى خەنلەندا ماشىنا بىلەن، بۇنىڭدىن سىرىت ئابلەت ئابلا 100 مىڭ يۈەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435270