维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » شىركەت خەۋەرلىرى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ساداقەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىن كەلگەن ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە دۇككاندارلار شىركەتتە زىيارەت ۋە ئەركىن پىكىرلىشىشتە بولدى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-02-20 20:43:45 چىكىلىشى : 1709

ساداقەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىن كەلگەن ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە دۇككاندارلار شىركەتتە زىيارەت ۋە ئەركىن پىكىرلىشىشتە بولدى

   شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹سۈپەت ،تېخنىكا ۋە ساداقەتنىڭ خەلقئارالىشىش يولى › تېمىسىدىكى يىللىق  خۇلاسە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن شنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدىن كەلگەن ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە دۇككاندارلار  شىركەتكە يىغىلىپ يەنە بىر قىتىم شىركەت زىيارىتى ۋە ئەركىن پىكىرلىشىشىتە بولدى.

 
 شىنجاڭنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىن  كەلگەن  60 دىن ئارتۇق دۇككاندارلار شىركەتنىڭ ئازادە يىغىن زالىدىن ئورون ئىلىپ تەرتىپ بويچە بىرمۇ-بىردىن ئۆزلىرىنى تونوشتۇرۇپ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدە ئۆز-ئارا پكىرلىشىپ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قىممەتلىك  مىراسلىرىمىزدىن بىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنڭغا ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە بەس-بەستە مۇنازىرە ئىلىپ باردى،شىركەت ۋە مەھسۇلاتلاغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.


    ساداقەت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەلىجان ئەپەندىنىڭ ئەنە شۇ قىممەتلىك مىراسىمىزنى ھازىرقى زامان كىشىلىرگە قايتا تونۇتۇش، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ،گۈزەللىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش شۇنداقلا دۇنيا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارت ئۇلۇغۋار نىشانىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.ھەمدە بۇ ئۇلۇغۋار نىشان ھەممەيلەن ئورتاق ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ ساداقەت تەرەققىياتى ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرشىدىغانلىقىنى ،پۈتۈن كۈچى بىلەن ساداقەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  بۇقىتىمقى مۇنازىرە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىلىپ بىرىلدى، ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە دۇككاندارلارشىركەتكە بولغان چۈشەنچىسى ، ساداقەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تىخىمۇ ئاشقانلىقىن بىلدۈردى. شىركەت لىدىرى ئەلىجان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىنلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435263