维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » شىركەت خەۋەرلىرى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
ساداقەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر كۈنى
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-03-07 13:29:35 چىكىلىشى : 1503

ساداقەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر كۈنى

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تىخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يىغىن زالىدا شىركەت لىدىرى ئەلىجان ئىسمايىل ، ئۆز تۈرۈك كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن مەمەت ياسىن مۇئەللىم ،شىركىتىمىزگە پايچەكلىك تۈزۈلمىسى بىلەن باش دىرىكتورلوققا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان شۆھرەت ھوشور ئەپەندى، تارماق شىركەت باش دىرىكتورلىدى، بارلىق خادىملار ۋە سەنيا ساياھىتىگە ئورونلاشتۇرۇلۇپ قايتىپ كەلگەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ قاتنىششى بىلەن يىغىن ئىچىلىپ، شىركەتنىڭ مۇھىم قارالمىلىلىرى ئوتتورغا قويولىدى.
لىدىر ئەلىجان ئەپەندى يىغىن مەقسىتىنى ئوتتورغا قويوش بىلەن بىرگە شىركىتىمىزگە يىڭدىن پايچەكلىك تۈزۈمى بويچە ئىشقا چۈشۈپ باش دىرىكتورلۇققا تەيىنلەنگەن شۆھرەت ھوشور ئەپەندىنى ئىلان قىلدى ۋە سىتىش بۆلىمىنىڭ دىرىكتۇرلۇقىغا تەيىنلەنگەن ئابلەت ئابلانى تونوشتۇرۇپ ئۆتتى.

شۇھرەت ھوشور ئەپەندى ئىلگىرى سەھىيە ساھاسىدە خىزمەت قىلغان مول بولغان كەسپى بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە پىشقەدەم خادىم . شۆھرەت ئەپەندىم قىسقىچە سۆزقىلىپ ،ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى خىزمەت تارىخى ۋە نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كارخانىلار ئىچىدىن "ساداقەت" شىركىتىنى تاللىغانلىقى ۋە بۇندىن كىيىنكى خىزمەت نىشانى ۋە پىلاننى ئوتتورغا قويدى. شۇنداقلا بارلىق خادىم ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا تونوشتوروش ئۈچۈن ئورتاق تىرشىش توغرىسىدا سۆزقىلدى.

ئۆز تۈرۈك كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن مەمەت ياسىن مۇئەللىم سۆزقىلىپ ساداقەتتىكى بارلىق خادىملار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھازىرقىدەك زىچ ئۇيۇشقان كۈچلۈك قوشنى بولدىكەن ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنيا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننىڭ چوقوم ئەمەلگە ئىششىغا ئىشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندىن كەلگەن سودا –سانائەت ماركىتىڭ بويچە خەلقئارادا سودا قېلىپ كىلىۋاتقان لىدىرىمىزنىڭ دوستى زايىت ئەپەندىمۇ يىغىندا مۇھىم سۆزقىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا لىدىر ئەلىجان ئىسمايىل خۇلاسە سۆزى قىلىپ، كەلگۈسىدە شىركەتتىكى بارلىق خادىملار ۋە ھەمكارلاشقۇچىللىرىغا قارىتا پايچەكلىك تۈزۈمى يولغا قويدىغانلىقى ، ساداقەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغانلارنىڭ مەڭگۈ ساداقەتنىڭ خوجايىنلىرىدىنبولالايدىغانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ ساداقەتتە مەۋجۈت ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435819