维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » ئۇچۇرلار » شىركەت خەۋەرلىرى » تەپسىلاتىنى كۆرۈش
مەرىپەتتىكى كۇرسانتلار شىركىتىمىزدە زىيارەتتە
يوللىغۇچى : sadakat مەنبەسى يوللانغان ۋاقتى : 2015-04-03 17:06:05 چىكىلىشى : 1394

 

   مەرىپەت يۇقىرى دەرىجلىك دىرىكتۇر تەربىلەش بازىسىدىكى كۇرسانتلار ساداقەت شىركىتىدە زىيارەتتە

     

       2015-يىلى4 -ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ مەرىپەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەرىپەت يۇقىرى دەرجىلىك دىرىكتۇر تەربىلەش بازىسىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سىنىپى ۋە دىرىكتۇر تەربىيەلەش سىنپىدىكى كۇرسانتىلاردىن  40 دىن ئارتۇق خادىم شىركىتىمىزدە ئىكىسكۇرسىيە، ئۈگۈنۈش ۋە سۆھبەتتە  بولدى.  

         ئالدى بىلەن ساداقەت شىركىتىنىڭ لىدىر ئەلىجان ئەپەندى شىركىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن خادىملارنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىزغىن ئالقىش ئىچىدە ئۆز-ئارا ئەركىن پىكىرلىشىش ئىلىپ بىرىلدى.                                          
     شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى 50 كىۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى «ساداقەت دورا دۇككىنى» دىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇر تىبابەت ساھەسىدە تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ،سىتىش ۋە سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت بىرگەۋدىلەشكەن ، ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ،گۈزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان مىللىي ئىگىلىكتىكى كارخاننىڭ بىرىدۇر. ئەركىن پىكىرلىشىشتە ئەلىجان ئەپەندىم ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدە شۇنداقلا ساداقەت شىركىتىنىڭ باسقان قەدەملىرى ھەققىدە خادىملارنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.                                                                    
     پائالىيەت جەريانىدا شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تىخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لىدىرى ئەلىجان ئىسمايىل ئەپەندىم  ئۆزىنىڭ شىركەتنى قۇرۇپ بۈگۈنكىدىدەك تەرەققى قىلغان، سىستىىمىلاشقان، ئۇيغۇرتىبابەت  ساھاسىدىكى باشلامچى كارخاننى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى جاپالىق ئىزدىنىش ،تىرشىش جەريانىنى ۋە بۇ جەرياندىكى ئۇچرىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى، قىينچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىش جەريانىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ، قىينچىلىقلار يىڭىش  ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ،شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى نىشانى ۋە كارخاننى بارلىققا كەلتۈرۈش ،تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قىممەتلىك تەجىربىلىرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ھەمدە زىيارەتكە قاتناشقۇچىلار سورىغان سۇرىغان تۈرلۈك سۇئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەردى.

.:: ئەزالار مەركىزى ::.
ئىسىم :
پارول :
.:: سەھىپە يىتەكچىسى ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435859