维吾尔语 中文
English русский

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت » شىركەت ھەققىدە
شىركەت ھەققىدە

شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ۋە نەزەرىيىۋى تەتقىقاتى، دورىلىق ئۈسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ۋە دورىلىق ئۈسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى خۇسۇسي ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ بىرى.

بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قىممەتلىك رىتسىپلىرى ئاساسىدا ھازىرقى زامان پەن–تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ساپ ئۆسۈملۈك جەۋھىرىنىڭ تەبىئىيلىكىنى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ .

بىز سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز، گۈزەللىكىڭىز ۋە تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقات بويىچە ئالدىنى ئېلش ۋە داۋالاش خاراكتىرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىمىز .

ساداقەت شىركىتى مىڭ يىللىق تارىخ ، مىڭ يىللىق رېتسىپ ، زامانىۋىي

پەن- تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك بىرلەشتۈرۈلگەن مىللىي تىبابەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى . بۇ تارىخي رېتسىپ ، بۇ ئەجداد مىراسى ساداقەت بىئو پەن – تېخنىكا بازىسىدا ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىدۇ ۋە تاكامۇللىشىدۇ .

شىركىتىمىز قەدىمىي ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسىنى ۋە سىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ.

2009-يىلى 3-ئايغىچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلاتلارنىڭ قېپىنىڭ لاھىيلىنىشى قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرئىشلىنىپ شۇ يىلى 3-ئايدا شىركەتنىڭ تۆت خىل مەھسۇلاتى رەسمىي بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن سېتىلىشى ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن ياخشى بولغان. 2010-يىلىدىن باشلاپ خۇشھال ئىچىملىكى قاتارلىق بىريۈرۈش مەھسۇلاتلار بىر -بىرلەپ بازارغا كىرىشكە باشلىدى . شىركەت مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئۈزلۈكسىزمەبلەغنى ئاشۇرۇپ ،تېلىۋىزىيە ،گىزىت-ژۇرنال ،رادىئو قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا تۇنۇشتۇرۇپ كەلدى .شىركەت خادىملىرىنىڭ ماركىتىڭ ئىلمىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن لىدىر يەنە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئونۋىرىستىتى دوتسىنتى سۇلايمان ئىسلام ئەپەندىمنى خىزمەتچىلەرگە ماركىتىڭ ئىلمى توغرىسىدا دەرىس ئۆتۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان . 2012-يىلى كارخانا تۇزۇلمىسىنى تخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ سىتىراتىگىيە جەھەتتىن يىڭىلىق يارىتىپ شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا كىرگۈزۈپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتۇق .لىدىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەرنىڭ باجسىز رايۇنىدا 140مو يەرگە شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر دورىگەرلىك زاۋۇتى ،مارالبشىدا قەشقەر ساداقەت سودا شىركىتى ،ئۇرۇمچى تەرەققىيات رايۇنىدا ماگىستىر ئاسپىرانت دوكتۇردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇرتىبابەت ئاكادىمىيىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇرۇپ چىقىپ كەسىپلەشكەن ، سېستىمىلاشقان ،خەلقئارالاشقان شىركەت ئەندىزىسىنى بەرپاقىلدى.

شىركىتىمىز 2013 -يىلى پاكىستاننىڭ 60 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنياۋى داڭلىق ماركىسى «قەرشى دورىگەرلىك گوروھى» بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، ھەمدە «قەرشى» مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگۇدىكى باش ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈردى،شۇنداقلا تېخنىكا ،كارخانا مەدەنىيتى ،كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى .

شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى باش شىركەت ئاساسىدىكى 8 تارماق شىركەتلەردىن تەشكىل تاپقان بولوپ ئۇلار: شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تېبابەت ئاكادېمىيىسى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ساداقەت ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى (دورا زاۋۇتى )، قەشقەر ئىقتىسادى تەرەققىيات رايۇنى ئۇنۋىرسال باجدىن خالى رايۇنى ، شىنجاڭ ساداقەت بىئو خەلىقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ساداقەت خەلىقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى، قازاقىستان ساداقەت خەلقئارالىق بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، قىرغىزىستان ساداقەت خەلقئارالىق بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

.:: شىركەت ھەققىدە ::.
.:: يېڭى قوشۇلغان ئۇچۇرلار ::.
.:: ئالاقە ئۇچۇرلىرى ::.
تېلېفۇن : 0991 -2888112
فاكىس : +86 991 2888192
ئېلخەت : sadaqet@hotmail.com
ئادىرس :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يېڭى ئاۋات يولى 35 - نۇمۇر باھار شەھىرى (بېيگوچۈنچېڭ) 2 - بىنا 3105- ئىشخانا
بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ، بىكىتىمىزدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
www.xjsadakat.com 由新疆萨达凯特生物科技开发有限公司版权所有,盗版必究. 新ICP备10200438号-1
Tel:0991 -2888112 Fax:+86 991 2888192 E-mail: sadaqet@hotmail.com QQ: 962099491
زىيارەت سانى : 435843